شىمالىي كورېيە قىتئەلەر ئارا باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلغان

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى (بەش بۇرجەكلىك بىنا، پېنتاگون) شىمالىي كورېيەنىڭ 26-فېۋرالدا (2022) ۋە 4-مارتتا يېڭىدىن ياسىغان قىتئەلەر ئارا باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلغانلىقىنىڭ بايقالغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1793761
شىمالىي كورېيە قىتئەلەر ئارا باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلغان

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى شىمالىي كورېيەنىڭ 26-فېۋرالدا (2022) ۋە 4-مارتتا يېڭىدىن ياسىغان قىتئەلەر ئارا باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلغانلىقىنىڭ بايقالغانلىقىنى، پىيوڭياڭنىڭ يېقىنقى ۋاقىتتا بۇ باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى داۋاملىق سىناق قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى باياناتچىسى جون كىربى پىيوڭياڭ ھۆكۈمىتىنىڭ 26-فېۋرال ۋە 4-مارتتا قىلغان ئىككى قېتىملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقى ئۈستىدە توختىلىپ: «ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئانالىز قىلىش ئارقىلىق سىناق قىلىنغان ئىككى باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ شىمالىي كورېيە تەققىي قىلدۇرۇۋاتقان ۋە 2020-يىلى 10-ئۆكتەبىر شىمالىي كورېيە ئىشچى پارتىيەسى پارات ئۆتكۈزگەندە تونۇشتۇرغان قىتئەلەر ئارا باشقۇرۇلىدىغان بومبا (ICBM) ئىكەنلىكىنى ئېنىقلىدى» دېدى.

ئۇ باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ نىشان قىلىنغان مەنزىلىگە يېتىپ بارالمىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «بۇ سىناقنىڭ مەقسىتى، تولۇق مەنزىللىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بېرىشتىن ئىلگىرى سىستېمىنى كۆزدىن كەچۈرۈش ئىدى» دېدى.

ئۇ ئامېرىكانىڭ بۇ مەلۇماتنى شىمالىي كورېيەگە قارشى جامائەت پىكرى شەكىللەندۈرۈش ئۈچۈن ئاشكارىلىغانلىقىدىن بېشارەت بەردى.

ئۇ مۇنداق دېدى:

«ئامېرىكا ۋە ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن زۆرۈر تەدبىرلەرنى يولغا قويۇشنى داۋاملاشتۇرىمىز.»

ئامېرىكا ھىندى تىنچ ئوكيان قوماندانلىق مەركىزى ئۆتكەنكى كۈنلەردە رايوندا ھاۋادىن چارلاش پائالىيەتلىرىنى كۆپەيتىش ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن مۇداپىئەلىنىش قابىلىيىتىنى ئۆستۈرۈش بۇيرۇقى چۈشۈرگەن ئىدى.

ئامېرىكا ھىندى تىنچ ئوكيان قوماندانلىق مەركىزى مەزكۇر قارارنى شىمالىي كورېيەنىڭ بارغانسېرى ئېشىپ بېرىۋاتقان باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناقلىرى سەۋەبىدىن چىقىرىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر