چارلىز مىشېل: رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشى ياۋروپانىڭ كۆزىنى ئاچتى

ياۋروپا كېڭىشى رەئىسى چارلىز مىشېل رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنىڭ ياۋروپانىڭ كۆزىنى ئاچقانلىقىنى ئېيتتى.

1790818
چارلىز مىشېل: رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشى ياۋروپانىڭ كۆزىنى ئاچتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: چارلېز مىشېل گېرمانىيەنىڭ «Zeit» گېزىتىگە بەرگەن باياناتىدا، ئۇكرائىنادىكى ئۇرۇشنىڭ ياۋروپانىڭ نېمىلەرگە بېقىندىلىقىنى ئوچۇق ئاشكارىلىغانلىقىنى تەكىتلەپ: «بىز چوقۇم ئىگىلىك ھوقۇقىمىزغا تېخىمۇ كۆپ مەبلەغ سېلىشىمىز كېرەك. بۇ ئۇرۇش كۆزىمىزنى ئاچتى» دېدى.

چارلېز مىشېل ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ رۇسىيە بىلەن ئۇرۇشتا ئەمەسلىكىنى ئېنىق ئىپادىلەپ: «بىز رۇسىيە بىلەن ئۇرۇشتا ئەمەسمىز. رۇسىيە (24-فېۋرال) ئۇكرائىناغا قارشى ئۇرۇش باشلىدى، ئۇكرائىنا ياۋروپانىڭ يېقىن شېرىكى ۋە دوستىدۇر. شۇڭا، بىز ئۇكرائىناغا ئوخشىمىغان شەكىللەردە ياردەم قىلىۋاتىمىز. بۇ ھەممە ئىشلارغا قارىماستىن، ئۆز نۆۋىتىدە يەنە، رۇسىيە بىلەنمۇ ئالاقە قاناللىرىنى ئوچۇق تۇتۇشقا تىرىشىۋاتىمىز» دېدى.

چارلېز مىشېل ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئۇكرائىنانى قورال-ياراغ بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن 450 مىليون ياۋرو ئاجراتقانلىقى ھەققىدە توختىلىپ، ئۇكرائىنانىڭ ئىشغالىيەتكە قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىنى قوللايدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

چارلېز مىشېل: «بۇ ئىنتايىن قېيىن بىر ئەھۋال. ئۇكرائىنا شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەت ئەمەس، ئەمما ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ يېقىن شېرىكى. بىزنىڭ شېرىكلىك كېلىشىمىمىز بار. رۇسىيە ئۇزۇن يىللار ئىلگىرىلا ياۋروپانىڭ يولىنى تۇتقان دۆلەتكە قارشى رەھىمسىزلەرچە ئۇرۇش باشلاشنى تاللىدى» دېدى.

چارلېز مىشېل ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ مەزكۇر 450 مىليون ياۋرو بىلەن كۈرەشچى ئايروپىلان سېتىۋېلىشتا رول ئوينىمايدىغانلىقىنى جەزملەشتۈرۈپ: «كۈرەشچى ئايروپىلان سېتىۋالمايدۇ» دېدى.

مىشېل ياۋروپانىڭ مۇداپىئە ئىشلىرى ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ خىراجەت قىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ، ياۋروپانىڭ بىخەتەرلىكى ۋە تىنچلىقىنىڭ تەھدىت ئاستىدا ئىكەنلىكى تەرەپكە ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر