ئامېرىكا قىتئەلەر ئارا باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقىنى كېچىكتۈردى

ئامېرىكا رۇسىيەنىڭ يادرو قوراللىرىنى ھەرىكەتكە كەلتۈرگەندىن كېيىن، ئالدىن پىلان قىلىنغان يادرو ئىقتىدارىغا ئىگە مىنۇتېمان 3- قىتئەلەر ئارا بالىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقىنى كېچىكتۈردى.

1788996
ئامېرىكا قىتئەلەر ئارا باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقىنى كېچىكتۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى باياناتچىسى جون كىربى كۈندىلىك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، رۇسىيە پىرېزىدېنتى پۇتىننىڭ ئۆتكەن ھەپتە ئاخىرى يادرو قوراللىرىنى ھەرىكەتكە ئۆتكۈزۈش پەرمانى چۈشۈرگەنلىكىنى خاتىرىلىتىپ، ئامېرىكانىڭ بۇنى «خەتەرلىك ۋە مەسئۇلىيەتسىزلىك» دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دېدى:

«بۇ خىل ئىغۋاگەرچىلىكلەرنى ۋە ئەڭ مۇھىم يادرو قوراللىرىمىزدا بولىدىغان ئۆزگىرىشلەرنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ. ئامېرىكا بۇنداق قىلمىدى. بۇ سەۋەبتىن، دۆلەت مۇداپىئە مىنستىرى خاتا چۈشىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ھەر قانداق بىر ھەرىكەتنى قىلش نىيىتىمىز يوقلۇقىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن، مىنۇتېمان 3-قىتئەلەر ئارا بالىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقىمىزنى كېچىكتۈرۈشنى قارار قىلدى. بىز بۇ قارارنى ئاسان چىقارمىدۇق. بۇ قارارنى مەسئۇلىيەتچان يادرو كۈچ ئىكەنلىكىمىزنى كۆرسىتىش ئۈچۈن چىقاردۇق.»

ئۇ ئامېرىكانىڭ يادرو قورال ئىقتىدارىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «بۇ كەينىگە چېكىنىش ئەمەس ۋە ئىشەنچلىك يادرو ئىقتىدارنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن باشقا دائىملىق پائالىيەتلەرنى ئەمەلدىن قالدۇرىدىغانلىقىمىزنى بىلدۈرمەيدۇ» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر