رۇسىيەنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمىدا، ئۇكرائىنانىڭ نۇرغۇن ئەسكەر-پۇقرالىرى جېنىدىن ئايرىلدى

رۇسىيەدىن ئۇكرائىنانىڭ سۇمى ئىشتاتى ئوختىيركا شەھىرىدىكى ھەربىي بازىغا ئېتىلغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمىدا، 70 ئەسكەرنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

1787646
رۇسىيەنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمىدا، ئۇكرائىنانىڭ نۇرغۇن ئەسكەر-پۇقرالىرى جېنىدىن ئايرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  ئۇكرائىنا سۇمى ئىشتاتىنىڭ ۋالىيسى دمىيترو جىۋىيتسكى تېلېگرامدا بايانات ئېلان قىلىپ، ئوختىيركا شەھىرىدىكى ھەربىي بازىنىڭ رۇسىيەنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقىنى ۋە 70 ئەسكەرنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ ئىزدەش-قۇتقۇزۇش خادىملىرى ۋە پىدائىيلارنىڭ خارابىلىق ئاستىدا قالغانلارنى قۇتقۇزۇشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئۇ شەھەردە رۇسىيە ئەسكەرلىرىنىڭ نۇرغۇن جەسەتلىرىنىڭ تېپىلغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، بۇ جەسەتلەرنى توپلاپ، خەلقئارا قىزىل كىرېست تەشكىلاتىغا تاپشۇرۇپ بەرگەنلىكلىرىنى بىلدۈردى.

رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قىلىۋاتقان ھۇجۇملىرى داۋاملىشىۋاتقان بىر پەيتتە، كىيېۋدىكى ئارقا سەپ ئىسكىلاتىغا باشقۇرۇلىدىغان بومبا چۈشۈشى سەۋەبىدىن 28 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى.

ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر زېلېنسكىي رۇسىيە قىسىملىرىنىڭ ئىزچىل ھالدا ئارقا سەپ ئىسكىلاتلىرىنى بومباردىمان قىلىۋاتقانلىقىنى ۋە ئېغىر زىيانلارنىڭ كۆرۈلگەنلىكىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

يەنە بىر تەرەپتىن، ئۇكرائىنانىڭ ۋاشىنگتوندىكى باش ئەلچىسى ئوكسانا ماركاروۋا رۇسىيەنىڭ جەنۋە كېلىشىمىدە چەكلەنگەن ۋاكۇم بومبىلىرىنى ئېتىۋاتقانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ئاقساراي باياناتچىسى پساكى كۈندىلىك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا: «بۇ خەۋەرنى كۆردۇق، ئەمما دەلىللىيەلمىدۇق. ئەگەر توغرا بولسا، ئۇرۇش جىنايىتى بولىدۇ» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر