ھاۋايدا تىك ئۇچار چۈشۈپ كەتتى
ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسىدە پائالىيەت ئېلىپ بارىدىغان ھۆددىگەرلىك شىركىتىگە تەۋە تىك ئۇچارنىڭ ھاۋايدا چۈشۈپ كېتىشى نەتىجىسىدە 4 ئادەم قازا قىلدى.
1783586
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھۆددىگەرلىك شىركىتىگە تەۋە تىك ئۇچار، ھاۋاينىڭ كائۇئاي ئارىلىدا چۈشۈپ كەتكەن. قازادا تىك ئۇچار ئايروپىلاندىكى 4 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان.
ئامېرىكا دۆلەتلىك قاتناش بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە ھەمبەھىرلىگەن ئۇچۇرىدا بىلدۈرۈلۈشىچە، «Sikorsky S-61N» تىپلىق تىك ئۇچارنىڭ چۈشۈپ كېتىش سەۋەبى تەكشۈرۈلمەكتە ئىكەن.