ھىندىستاندا ئاپتوبۇس ۋادىغا چۈشۈپ كېتىپ نۇرغۇن ئادەم ئۆلدى
ھىندىستاننىڭ شىمالىدىكى ئۇتتاراخاند ئۆلكىسىدە توي مۇراسىمىدىن قايتىۋاتقانلار ئولتۇرغان ئاپتوبۇس ۋادىغا چۈشۈپ كېتىپ 11 ئادەم قازا قىلدى.
1782708
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «‹Hindustan Times› گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ساقچى دائىرىلىرى، تويدىن قايتقان كىشىلەر ئولتۇرغان ئاپتوبۇسنىڭ سۇكخىداڭ رېتا ساھىب يولىغا يېقىن ۋادىغا چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى، قازادا 11 كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى، 2 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى بىلدۈرگەن.