ھىندىستان ئاۋازدىن تېز ئۇچىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقى ئېلىپ باردى

ھىندىستان دېڭىز ئارمىيەسى ئاۋازدىن تېز ئۇچىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك سىناق قىلغانلىقىنى جاكارلىدى.

1782033
ھىندىستان ئاۋازدىن تېز ئۇچىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقى ئېلىپ باردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھىندىستان دېڭىز ئارمىيەسى، يېقىندا «INS Visakhapatnam» ناملىق پاراخوتتىن ئاۋازدىن تېز ئۇچىدىغان «BrahMos» باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنى قويۇپ بېرىش سىنىقىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېلىپ بارغانلىقىنى، بۇ باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ، ئالدىنقى ئايدا ھىندىستاننىڭ غەربىي دېڭىز قىرغىقىدا سىناق قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى، ھەمدە سىناق پاراخوتىنىڭ، «بېنگال قولتۇقى» دىكى شەرقىي دېڭىز قىرغىقىدىن ۋىساكخاتنامغا يېتىپ بارغانلىقىنى ئۇقتۇردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر