جەنۇبىي ئافرىقادا ھەر بىر ئائىلە ھەقسىز ئىنتېرنېت مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىنىدۇ
جەنۇبىي ئافرىقادا ھەر بىر ئائىلىنى ھەر ئايدا 10 گىگابايت ھەقسىز ئىنتېرنېت مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش پىلانلانماقتا.
1780745
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جەنۇبىي ئافرىقا خەۋەرلىشىش ۋە دىگىتال تېخنولوگىيەلىرى مىنىستىرى كۇمبۇدزو نىتساۋېنى، ئىنتېرنېت مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن بولۇشنىڭ، ھەر بىر ئائىلە ئۈچۈن توك ۋە سۇغا ئوخشاشلا ئاساسلىق ئېھتىياجىغا ئايلانغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «باي ياكى نامرات بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، جەنۇبىي ئافرىقادىكى ھەر بىر ئائىلە ھەر ئايدا 10 گىگابايت ھەقسىز ئىنتېرنېت مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىنىدۇ.»
تور ئستاتىستىكا تور بېكىتى ستاتىستانىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، 2021-يىلى جەنۇبىي ئافرىقا نوپۇسىنىڭ 60.73 پىرسەنتى ئىنتېرنېت مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش ئابونتلىرى ئىكەن.