لاۋروۋ: ئىشغال خەۋەرلىرى ئۇچۇر تېررورلۇقىدۇر

رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنانى ئىشغال قىلىشقا تەييارلانغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئۇچۇر تېررورلۇقى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

1779074
لاۋروۋ: ئىشغال خەۋەرلىرى ئۇچۇر تېررورلۇقىدۇر

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ پولشا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى زبىگنىيېۋ راۋ (Zbigniew Rau) كۆرۈشكەندىن كېيىن، ئاخبارات ئېلان يىغىنى ئۆتكۈزدى.

ئۇ رۇسىيە-ئۇكرائىنا كىرىزىسى ئۈستىدە توختالدى ۋە ئىشغال توغرىسىدىكى گەپ-سۆزلەرنى ئوچۇق قىلىپ رەت قىلدى.

ئۇ: «رۇسىيەنىڭ بارلىق ھەربىي مانېۋىرلىرى پىلان بويىچە باشلاندى ۋە ئاخىرلاشتى. غەرب بىلەن دىيالوگنى داۋاملاشتۇرىمىز. غەرب بىلەن دىيالوگدىن نەتىجە ئېلىشتا مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشىشنى ئۈمىد قىلىمەن» دېدى.

رۇسىيە پارلامېنتى ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىكى ئىككى رايوننىڭ ئايرىلىپ چىقىشىنى ئېتىراپ قىلىشقا مۇناسىۋەتلىك قارارنىڭ، رۇسىيە پىرېزىدېنتى پۇتىنغا ئەۋەتىلىشىنى تەستىقلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر