ئەنگلىيە-خىتاي ئوتتۇرىسىدا فوكلەند ئاراللىرى زىددىيىتى چوڭقۇرلىشىشقا باشلىدى

خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ ئەنگلىيەنىڭ فوكلەند (Falkland) ئاراللىرىنىڭ كونتروللۇقىنى ئارگېنتىناغا قايتۇرۇپ بېرىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى.

1775474
ئەنگلىيە-خىتاي ئوتتۇرىسىدا فوكلەند ئاراللىرى زىددىيىتى چوڭقۇرلىشىشقا باشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ ئارگېنتىنا باش مىنىستىرى ئالبېرتو فەرناندېز بىلەن بېيجىڭدا كۆرۈشتى.

ئۇ فوكلەند ئاراللىرىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى مەسىلىسىدە ئارگېنتىنانى قوللاپ، ئەنگلىيەدىن ئاراللارنىڭ كونتروللۇقىنى ئارگېنتىناغا قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى.

ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى لىز ترۇس تۋىتتېردا شىنىڭ باياناتىغا دەرھال جاۋاب قايتۇرۇپ: «فوكلەندنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا مۇناسىۋەتلىك ھەر تۈرلۈك مۇنازىرەلەرنى پۈتۈنلەي رەت قىلىمىز. فوكلەند ئەنگلىيە ئائىلىسىنىڭ بىر پارچىسى ۋە ئۇلارنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىمىز. خىتاي فوكلەندنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشى كېرەك» دېدى.

ئارگېنتىنا باش مىنىستىرى ئالبېرتو فەرناندېز خىتاينىڭ تەيۋەنگە بولغان ئىگىلىك ھوقۇقىنى ئېتىراپ قىلىدىغانلىقلىرىنى جاكارلىدى.

فوكلەند ئاراللىرىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى مەسىلىسى، ئەنگلىيە بىلەن ئارگېنتىنا ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتلەرنىڭ داۋاملىشىشىغا سەۋەب بولماقتا.

ئارگېنتىنا «مالۋىناس» دەپ ئاتايدىغان فوكلەند ئاراللىرى 1982-يىلى ئەنگلىيە تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغاندىن كېيىن، ئىككى دۆلەت ئۇرۇشقا كىرگەن ئىدى. ئۇرۇش ئەنگلىيەنىڭ غەلبىسى بىلەن ئاخىرلاشقان ئىدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى «بىر خىتاي» سىياسىتىنى تەكىتلەپ، خەلقئارا جەمئىيەتتە خىتايغا پەقەت ئۆزىنىڭلا ۋەكىللىك قىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

خىتاي يەنە، تەيۋەننىڭ ھەر قايسى دۆلەتلەر بىلەن مۇستەقىل دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىشىغا، ب د ت ۋە باشقا خەلقئارالىق تەشكىلاتلاردا ۋەكىللىك قىلىشىغا قارشى چىقماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر