بىرما بىخەتەرلىك قىسىملىرى ئۆتكەن يىلى ئاز دېگەندە 114 كىچىك بالىنى ئۆلتۈردى

بىرما بىخەتەرلىك قىسىملىرىنىڭ ئۆتكەن يىلى فېۋرالدىكى ھەربىي ئۆزگىرىشتىن بۇيان ئاز دېگەندە 114 كىچىك بالىنى ئۆلتۈرگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

1775092
بىرما بىخەتەرلىك قىسىملىرى ئۆتكەن يىلى ئاز دېگەندە 114 كىچىك بالىنى ئۆلتۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باياناتچىسى فارخان ھەق: «2021-يىلى 1- فېۋرالدىكى ھەربىي ئۆزگىرىشتىن بۇيان3 ياشتىن 17 ياشقىچە بولغان كەم دېگەندە 114 ئۆسمۈر بىرما بىخەتەرلىك قىسىملىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلدى. بۇنىڭ ئىچىدە مۇشۇ يانۋار ئېيىدىلا ئۆلتۈرۈلگەن ئۆسمۈرلەرنىڭ سانى 18» دېدى.

فارخان ھەق يارىلانغان ئۆسمۈرلەر سانىنىڭ تېخىمۇ كۆپ ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىك قىسىملىرىغا، ب د ت نىڭ 2019-يىلى ئىمزالىغان ب د ت بالىلار ھوقۇقى ئەھدىنامىسىغا ئاساسەن بالىلارنىڭ  ھەق- ھوقۇقىنى قوغداش مەجبۇرىيىتىنى ئەسكەرتتى.

بىرما ئارمىيەسى 2021-يىلى چوڭ سايلامدا ئالدامچىلىق بار دېگەن سۆز- چۆچەكلەرنى ۋە دۆلەت ئىچىدە سىياسىي جىددىيلىك يۈز بەرگەنلىكىنى باھانە قىلىپ، 2021-يىلى 1- فېۋرالدا ھۆكۈمەتنى ئاغدۇرغان ئىدى.

بىرما ئارمىيەسىنىڭ ھەربىي ئۆزگىرىشكە قارشى نامايىشچىلارغا ۋە قوزغىلاڭچى گۇرۇپپىلارغا قوراللىق ئارىلىشىشى نەتىجىسىدە، ھازىرغا قەدەر 902 ئادەم جېنىدىن ئايرىلغان ئىدى.

سىياسىي مەھبۇسلارغا ياردەم بېرىش تەشكىلاتى (AAPP) نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 1400 دىن ئېشىپ كەتكەن ۋە 10 مىڭغا يېقىن كىشى قولغا ئېلىنغان.

بىرمادا كەڭ كۆلەملىك نامايىشلار داۋام قىلماقتا. يەنە بىر تەرەپتىن، يۇقىرى دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى ھەربىي سوتلاردا سوتلانماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر