ياپونىيە بىلەن جەنۇبىي كورېيە شىمالىي كورېيەگە قارشى ھەمكارلىق ئورناتتى
ياپونىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى بىلەن جەنۇبىي كورېيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى شىمالىي كورېيەنىڭ بالىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا تەرەققىي قىلدۇرۇش پىروگراممىسىغا قارشى ئۆزئارا يېقىن ھەمكارلىق ئورنىتىشتا كېلىشىم ھاسىل قىلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياپونىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى ھاياشى يوشىماسا جەنۇبىي كورېيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى چۇڭ ئېيۇ يوڭ بىلەن تۇنجى رەسمىي تېلېفون سۆھبىتىنى ئەمەلگە ئاشۇردى.
تېلېفون سۆھبىتىدە، ئىككى تەرەپ ۋە رايونلۇق مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىندى. رەھبەرلەر شىمالىي كورېيەنىڭ كۆپەيگەن باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناقلىرىغا قارشى ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقلىرىنى بىلدۈرۈپ، رايون تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىغا تەھدىت سالغان بالىستىك ۋە يادرو باشقۇرۇلىدىغان بومبا تەرەققىي قىلدۇرۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا، ئۆزئارا يېقىن ھەمكارلىق ئورنىتىش توغرىسىدا كېلىشىم ھاسىل قىلدى.
خەلقئارالىق تاراتقۇلاردا، 2022-يىلى يانۋاردا تىپى ۋە يېتىپ بېرىش مەنزىلى ئوخشىمايدىغان يەتتە باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلغان شىمالىي كورېيەنىڭ، يادرو ۋە قىتئەلەر ئارا بالىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلىشنى پىلان قىلغانلىقى قەيت قىلىنغان ئىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
نىگېرىيەدە بىر جامەدە پارتلاش يۈز بېرىپ 11 ئادەم قازا قىلدى
نىگېرىيەنىڭ كانو ئۆلكىسىدىكى بىر جامەدە يۈز بەرگەن پارتلاشتا 11 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى.