بايدىن قاتار ئەمىرى ئالسانى بىلەن كۆرۈشتى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى بايدىن بىلەن قاتار ئەمىرى ئالسانى ئاقسارايدا دۇنيا ئېنېرگىيە مەنبەلىرىنىڭ مۇقىملىقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ۋە ئافغانىستاننى ئۆز ئىچىگە ئالغان خەلقئارالىق ۋە رايونلۇق مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلدى.

1771328
بايدىن قاتار ئەمىرى ئالسانى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن بىلەن قاتار ئەمىرى شەيخ تەمىم بىن ھامەد ئالسانى ئاقسارايدا كۆرۈشۈپ، دۇنيا ئېنېرگىيە مەنبەلىرىنىڭ مۇقىملىقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ۋە ئافغانىستاننى ئۆز ئىچىگە ئالغان خەلقئارالىق ۋە رايپونلۇق مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلدى.

ئاقساراي بايدىن بىلەن ئالسانى ئوتتۇرىسىدىكى ئۇچرىشىش توغرىسىدا يازما بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا، ئىككى رەھبەرنىڭ پارس قولتۇقى ۋە ئوتتۇرا شەرق رايونىدا خەۋپسىزلىك، پاراۋانلىقنى ئاشۇرۇش، دۇنيا ئېنرگىيە مەنبەلىرىنىڭ مۇقىملىقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش، ئافغانىستان خەلقىنى قوللاش، سودا ۋە سېلىنما ھەمكارلىقلىرىنى ئاشۇرۇش مەسىلىلىرىدە پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلغانلىقلىرى قەيت قىلىندى.

باياناتتا، ھەر ئىككى رەھبەرنىڭ ئايروپىلان ياساش شىركىتى بولغان بويىن بىلەن قاتار ھاۋا يوللىرى شىرلىتى ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغان 20 مىليارد دوللارلىق كېلىشىمنى مەمنۇنلۇق بىلەن قارشى ئالغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

باياناتتا يەنە، قاتار بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدا يېقىنقى 50 يىلدا چوڭقۇرلاشقان ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋەتنىڭ نىشانى سۈپىتىدە، بايدىنىڭ قاتارنى «ناتو ئەزاسى بولمىغان مۇھىم ئىتتىپاقداش» دەپ ئېتىراپ قىلىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرگەنلىكى قەيت قىلىندى.   



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر