كامېروندا بىر كەچلىك كۇلۇبتا پاجىئەلىك پارتلاش يۈز بەردى

كامېروننىڭ پايتەختى يائۇندەدە بىر كەچلىك كۇلۇبتا پارتىلاش يۈز بېرىپ، نۇرغۇن كىشى قازا قىلدى.

1766971
كامېروندا بىر كەچلىك كۇلۇبتا پاجىئەلىك پارتلاش يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شاھىتلارنىڭ بىلدۈرىشىچە، پايتەختنىڭ باستوس رايونىغا جايلاشقان «Livs» ناملىق كەچلىك كۇلۇبتا شۇ يەرنىڭ ۋاقتى كېچە سائەت 03:00 ئەتراپىدا غايەت زور پارتىلاش يۈز بەرگەن.

پارتلاشتىن كېيىن مەيدانغا كەلگەن ئوت ئاپىتى ۋە قىستى- قىستاڭچىلىق سەۋەبىدىن نۇرغۇن كىشى كۆيۈپ ئۆلگەن. يارىلانغانلار يائۇندە مەركىزىي ۋە جەفتا ئېكوئونو دوختۇرخانىسىدا بالنېستقا ئېلىنغان. ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتى ئوت ئاپىتىنى كونتروللۇق ئاستىغا ئالغان.

پارتىلاشنىڭ سەۋەبى ھەققىدە تېخىچە ھېچقانداق تېتۋتېھېچقانداق چۈشەنچە بېرىلمىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر