پاراگۋاي پىرېزىدېنتى «كوۋىد – 19» ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملاندى
پاراگۋاي پىرېزىدېنتى مارىيو ئابدو بېنىتېز «كوۋىد – 19» ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملاندى.
1764813
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پاراگۋاي سەھىيە مىنىستىرلىقى، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، پىرېزىدېنت مارىيو ئابدو بېنىتېزنىڭ «كوۋىد – 19» ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقىنى بىلدۈردى. باياناتتا، مۇنداق دېيىلدى: «پىرېزىدېنت مارىيو ئابدو بېنىتېزنىڭ <كوۋىد – 19> ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقىنى بىلىمىز، پىرېزىدېنت مەۋجۇت ساقلىقنى ساقلاش بەلگىلىمىلىرىگە ئاساسەن كارانتىن ئاستىغا كىرىدۇ.»
«كوۋىد – 19» ۋاكسىنىسى ئەملەتكۈزگەن بېنىتېز، تۈنۈگۈن ئايالىنىڭ تەكشۈرۈش نەتىجىسى مۇسبەت چىققانلىقى سەۋەبلىك، كارانتىن ئاستىغا كىرگەنىدى.