ۋېنېزۇئېلا مادۇرونى ۋەزىپىدىن ئېلىپ تاشلاش مەسىلىسىنى خەلقتىن سوراشنى قارار قىلدى
ۋېنېزۇئېلا دۆلەتلىك سايلام كېڭىشى، پىرېزىدېنت نىكولاس مادۇرونى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش مەسىلىسىنى ئومۇمىي خەلقنىڭ ئاۋازىغا قويۇش تەلىپىنى قوبۇل قىلدى.
1764253
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋېنېزۇئېلا دۆلەتلىك سايلام كېڭىشى، مادۇرونىڭ ۋەزىپىدىن ئېلىپ تاشلىنىش مەسىلىسىنى ئومۇمىي خەلقنىڭ ئاۋازىغا قويۇش ئارقىلىق بېكىتىش توغرىسىدىكى تەلەپنىڭ قوبۇل قىلىنىپ، تەييارلىق خىزمەتلىرىنى باشلاشنىڭ قارار قىلىنغانلىقىنى ئۇقتۇردى.