بوررېل: رۇسىيەنىڭ مەقسىتى ئامېرىكا بىلەن ياۋروپانى پارچىلاش

ياۋروپا تاشقى مۇناسىۋەتلەر ۋە خەۋپسىزلىك سىياسەتلىرى ئالىي ۋەكىلى بوررېل رۇسىيەنىڭ ئامېرىكا ۋە ناتو بىلەن ئۆتكۈزۈۋاتقان سۆھبەتلەردە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا تەكلىپ سۇنماسلىقىنىڭ، ئامېرىكا بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقىنى پارچىلاشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1764309
بوررېل: رۇسىيەنىڭ مەقسىتى ئامېرىكا بىلەن ياۋروپانى پارچىلاش

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ تاشقى سىياسەتلەر، خەۋپسىزلىك ۋە مۇداپىئە كومىتېتلىرى ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي ۋە رۇسىيە بىلەن چېگرادا داۋاملىشىۋاتقان كىرىزىس توغرىسىدا يىغىن ئۆتكۈزدى.

يىغىندا، ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى مۇناسىۋەتلەر ۋە خەۋپسىزلىك سىياسەتلىرى ئالىي ۋەەكىلى جوسېپ بوررېل سۆز قىلىپ، رۇسىيەنىڭ  ئۇكرائىنا چېگراسىغا 100 مىڭ ئەتراپىدا ئەسكەر ئورۇنلاشتۇرۇشىدىن كېيىن ئوتتۇرىغا چىققان جىددىيچىلىك ۋە رۇسىيەنىڭ ئامېرىكا ھەمدە ناتوغا سۇنغان ياۋروپادىكى خەۋپسىزلىك كاپالەتلىرى قاتارلىق مەسىلىلەر قاراپ چىقىلغان مۇزاكىرەلەر ئۈستىدە توختالدى.

ئۇ بەزى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ، رۇسىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن ئۈستەلگە ئولتۇرماسلىقىنى «ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتسىزلىكى» دەپ قارايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «مۇزاكىرەلەر داۋاملاشسا- ئۆمۈرى ئۇزۇن بولىدىغاندەك ئەمەس، ئۈستەلدە بىزگە تەسىر كۆرسىتىدىغان تەكلىپلەر بولسا چوقۇم قايسى تەرەپتە تۇرىدىغانلىقىمىزنى كۆرسىتىشىمىز كېرەك» دېدى.

ئۇ: «رۇسىيەنىڭ مۇزاكىرەلەرنىڭ بىر پارچىسى بولۇشىمىزنى خالىماسلىقىدىكى سەۋەب ناھايىتى ئېنىق. غەرب تېمىنى بۆلۈپ، ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنى پارچىلاپ، رۇسىيەنىڭ مەنپەئەتىگە خىزمەت قىلىش» دېدى.

ئۇ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ رۇسىيەگە نىسبەتەن جىددىيچىلىكنى پەسەيتىشكە چاقىرىش ۋە كىرىزىسنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھالىتىدە تۇرۇشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتىپ، ئۇكرائىناغا قارشى ھەر قانداق شەكىلدىكى ھۇجۇملارنىڭ جاۋابسىز قالمايدىغانلىقىنى داۋاملىق قاتتىق تەكىتلىشى لازىملىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ ھازىرغىچە ئۇكرائىنا ھۆكۈمىتىنىڭ بىۋاستە ياردەم تەلەپ قىلمغانلىقىنى، بىراق تەلەپ قىلغان ئەھۋالدا ئۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ پىكىر بىردەكلىكىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى.

ئۇ 24-يانۋار (2022) ئېچىلىدىغان ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنىدا ئوخشىمىغان تەكلىپلەرگە قاراپ چىقىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

جەنۋەدە 10-يانۋار (2022) ئامېرىكا-رۇسىيە، 12-يانۋار بېلگىيە پايتەختى بىريۇسسېلدا ناتو-رۇسىيە يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن ئىدى.

ئۇكرائىنا باش مىنىستىرى ۋلادىمىر زېلېنسكىي ئۆتكەن ئاي (2021-يىلى دېكابىر) بىريۇسسېلدا ئۆتكۈزۈلگەن ياۋروپا ئىتتىپاقى-شەرق شېرىكچىلىكى يىغىنىدىن كېيىن، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ رۇسىيەنىڭ ئېھتىمالى بار ھۇجۇمىنى ساقلاپ تۇرماستىن ئېمبارگو يۈرگۈزۈشى كېرەكلىكىنى ئېيتقان ئىدى.

بوررېلنىڭ ئىشخانىسى 17-يانۋار (2022) رۇسىيەگە قارىتىپ تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقىنىغا بىر يىل بولغان ئالېكسىي ناۋالنىينى قويۇپ بېرىشنى چاقىرىق قىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر