ياۋروپا ئىتتىپاقى ئۇكرائىنادىكى تور ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى

ياۋروپا ئىتتىپاقى ئۇكرائىنادىكى دۆلەت ئورۇنلىرى نىشان قىلىنغان تور ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى.

1763075
ياۋروپا ئىتتىپاقى ئۇكرائىنادىكى تور ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ قوشنىدارچىلىق سىياسىتى ۋە كېڭىيىش ئىشلىرىغا مەسئۇل ئەزاسى ئولىۋېر ۋارھېليى، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە، ئۇكرائىنادىكى دۆلەت ئورۇنلىرى نىشان قىلىنغان تور ھۇجۇمىنى قاتتىق ئەيىبلەيدىغانلىقلىرىنى، مۇقىملىقنى بۇزىدىغان بۇنداق ھۇجۇمنى قوبۇل قىلىشنىڭ  ئەسلا مۇمكىن ئەمەسلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «بۇ ھۇجۇملار دەرھال توختىشى كېرەك، ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى، تور قۇرۇلمىسىنى كۈچەيتىش توغرىسىدا ئۇكرائىناغا بېرىۋاتقان ياردىمىنى كۆپەيتىشكە تەيياردۇر.»

ئۇكرائىنادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان بەزى ئورگانلارنىڭ ئىنتېرنېت تور بەتلىرى تور ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانىدى.

ئۇكرائىنا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ئولېگ نىكولېنكو، كەڭ دائىرىلىك تور ھۇجۇملىرى سەۋەبىدىن، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋە بەزى دۆلەت ئورۇنلىرىنىڭ ئىنتېرنېت تور بەتلىرىنىڭ مۇلازىمەت قىلالمىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر