ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى 9 پەلەستىنلىكنى يارىلاندۇردى

ئىشغال ئاستىدىكى ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا يەھۇدىي كۆچمەنلەرنىڭ ھۇجۇملىرىغا قارشى ئۆتكۈزۈلگەن نارازىلىق نامايىشىغا مۇداخىلە قىلغان ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى 9 پەلەستىنلىكنى يارىلاندۇردى.

1762631
ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى 9 پەلەستىنلىكنى يارىلاندۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پەلەستىنلىكلەر، ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىنىڭ نابلۇس شەھىرىگە قاراشلىق بۇرقا رايونى ئەتراپىدا يەھۇدىي كۆچمەنلەرنىڭ ھۇجۇملىرىغا نارازىلىق بىلدۈرۈش ۋە ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ رايوننىڭ كىرىش ئېغىزىغا ئورناتقان توسۇقلارنى بىكار قىلىشى ئۈچۈن نامايىش ئۆتكۈزدى.

ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ ياش ئاققۇزۇش بومبىسى ئارقىلىق قىلغان مۇداخىلىسىگە، پەلەستىنلىكلەر تاش ئېتىش ئارقىلىق جاۋاب قايتۇردى.

پەلەستىن قىزىلئاي جەمئىيىتى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان يازما باياناتىدا بىلدۈرۈشىچە، ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ مۇداخىلىسى نەتىجىسىدە 2 سى ئېغىر بولۇپ، جەمئىي 9 پەلەستىنلىك يارىلانغان، كۆپ ساندا پەلەستىنلىك ياش ئاققۇزۇش بومبىسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر