رۇسىيە 10 مىڭدىن ئارتۇق ئەسكەر بىلەن ھەربىي مانىۋېر ئۆتكۈزۈشكە باشلىدى

رۇسىيە ئۇكرائىنا چېگراسى ئەتراپىدا 10 مىڭدىن ئارتۇق ئەسكەرنىڭ ئىشتىراك قىلىشىدا ھەربىي مانىۋېر ئۆتكۈزۈشكە باشلىدى.

1761961
رۇسىيە 10 مىڭدىن ئارتۇق ئەسكەر بىلەن ھەربىي مانىۋېر ئۆتكۈزۈشكە باشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىغا قاراشلىق جەنۇبىي ھەربىي رايون تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا بىلدۈرۈلۈشىچە، دۆلەتنىڭ جەنۇبىدا باشلانغان ھەربىي مانىۋېرغا، موتورلۇق مىلتىق باتالىيونىدىن باشقا يەنە، قارادېڭىز ۋە ھازار (كاسپىي) دېڭىزىدىكى قىسىملارنىڭمۇ قاتناشقانلىقى ئەسكەرتىلىپ مۇنداق دېيىلدى: «10 مىڭدىن ئارتۇق ھەربىي خادىمنىڭ قاتنىشىشى بىلەن ۋولگاگراد، ئاستراخان، ستاۋروپول، روستوۋ ۋە كراسنودار رايونلىرىدا ھەربىي مانىۋېر ئۆتكۈزۈلمەكتە. تاكتىكا گۇرۇپپىلىرى، ھەربىي زەمبىرەك باتارېيەسىگە قارشى تۇرۇش، ئاۋىياتسىيە ۋە مەرگەنلىكنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر خىل رازۋېدكا ۋە ھۇجۇم سىستېمىىلىرىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە يېڭى تاكتىكىلىق ھەربىي ھەرىكەت ئۇسۇللىرى بويىچە مۇتەخەسسىسلىشىدۇ.»

رۇسىيە بىلەن شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ئوتتۇرىسىدا ئۇكرائىنا مەسىلىسىدە يۈز بېرىۋاتقان سۈركىلىش سەۋەبىدىن، تۈنۈگۈن، بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلدا يىغىن چاقىرىلغانىدى.

رۇسىيە مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئالېكساندىر گرۇشكو، يىغىندىن كېيىن ئېلان قىلغان باياناتىدا، ناتودىن رۇسىيەنىڭ بىخەتەرلىككە مۇناسىۋەتلىك تەكلىپلىرىگە ئېنىق جاۋاب بېرىشىنى كۈتۈۋاتقانلىقلىرىنى ئېيتقانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر