شىۋېتسىيە باش مىنىستىرىنىڭ ئۆيىدە بىر قانۇنسىز ئىشچىنىڭ بارلىقى ئاشكارىلاندى

شىۋېتسىيە باش مىنىستىرى ماگدالېنا ئاندېرسوننىڭ ئۆيىدە ئىقامىتى بولمىغان 25 ياشلىق تازىلىق ئىشچىسى بىر ئايالنىڭ ئىشلەيدىغانلىقى ئاشكارىلاندى.

1759922
شىۋېتسىيە باش مىنىستىرىنىڭ ئۆيىدە بىر قانۇنسىز ئىشچىنىڭ بارلىقى ئاشكارىلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىخەتەرلىك قوڭغۇرىقى خاتا ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەنلىكى سەۋەبىدىن، ساقچىلار 21- دېكابىردا باش مىنىستىر ئاندېرسوننىڭ پايتەخت ستوكھولمدىكى ئۆيىگە بېسىپ كىرىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ باردى ۋە ئىقامىتى شۇنداقلا ئىشلەش رۇخسىتىمۇ بولمىغان تازىلىق ئىشچىسى بىر ئايالنى ئۇچراتتى.

«Expressen» گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، بۇ ئايال 2020-يىلى مارتتا شىۋېتسىيەدىكى پاناھلىق تەلىپى رەت قىلىنغاندىن تارتىپ، دۆلەتتە قانۇنسىز ياشاشقا باشلىغان. 2020-يىلى سىنتەبىردە بىر دۇكاندا ئوغرىلىق قىلىش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەنگەن  ۋە شۇنىڭدىن كېيىن ساقچىلارمۇ  بۇ ئايالنى  ئىزدىمەكتە ئىكەن.

ۋەقەدىن كېيىن خىزمەتچى تەمىنلەيدىغان تازىلىق شىركىتىگە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرگەن باش مىنىستىر ئاندېرسون ئۆزىنىڭ ئالدانغانلىقىنى بايان قىلىپ، مەزكۇر شىركەت بىلەن بولغان بارلىق مۇناسىۋەتنى ئۈزگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

ۋەقەگە قارىتا «پاكىز ئىشىك سەتچىلىكى» دەپ باھا بەرگەن ئۆكتىچى مۆتىدىل كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى توبىياس بىلستروم، باش مىنىستىر دۇچار بولغان بۇ ئەھۋالنىڭ كىشىنى ئەندىشىگە سالىدىغانلىقىنى ئېيتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر