بايدىن كۇرىللانى مەركىزىي قىسىملار قوماندانلىقىغا نامزات كۆرسەتتى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى جو بايدىن لېيتېنانت گېنېرال ئېرىك كۇرىللانى ئامېرىكا مەركىزى قىسىملار قوماندانلىقىغا نامزات قىلىپ كۆرسەتتى.

1758702
بايدىن كۇرىللانى مەركىزىي قىسىملار قوماندانلىقىغا نامزات كۆرسەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ ئاقساراينىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى ۋە پارلامېنت خاتىرىلىرىنى ئاساس قىلغان خەۋەرلىرىگە قارىغاندا، بايدىن نۆۋەتتە شىمالىي كارولىنا ئىشتاتىنىڭ فورت براگ بازىسىدىكى 18 – ھاۋا ئارمىيە قىسىملىرى قوماندانى لېيتېنانت گېنېرال كۇرىللانى ئامېرىكا مەركىزى قىسىملار قوماندانى گېنېرال كېننىت ماككېنزىنىڭ ئورنىغا تەيىنلەش مەقسىتىدە نامزات كۆرسەتكەن.

كاندىداتلىقى كېڭەش پالاتاسىنىڭ ماقۇللۇقىدىن ئۆتكەن تەقدىردە، كۇرىلا ئامېرىكانىڭ ئاساسلىقى ئوتتۇرا شەرقتىكى ھەربىي ھەرىكەتلىرىگە قوماندانلىق قىلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر