مادۇرو: بايدىن بىلەن كۆرۈشۈشكە ئىجابىي قارايمەن

ۋېنېزۇئېلا پىرېزىدېنتى نىكولاس مادۇرو ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن بىلەن كۆرۈشۈشكە ئىجابىي قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1756104
مادۇرو: بايدىن بىلەن كۆرۈشۈشكە ئىجابىي قارايمەن

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋېنېزۇئېلا پىرېزىدېنتى نىكولاس مادۇرو تېلېسۇر (Telesur) تېلېۋىزىيەسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا: «ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بىلەن بىۋاستە، جەسۇرانە، سەمىمىي ۋە ئۆزئارا چۈشىنىش ھاسىل قىلىشنى مەقسەت قىلغان دىيالوگنىڭ باشلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن» دېدى.

ئۇ جو بايدىن ئامېرىكا پىرېزىېنتلىقىغا سايلانغاندىن بۇيان مۇناسىۋەتلەردە ياخشىلىنىش بولمىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «جو بايدىن ھۆكۈمىتى بىلەن دىيالوگ باشلانغان بولسا كاشكى، شۇنداق بولسا ناھايىتى ياخشى بولاتتى. ئۇنداق بولمىسىمۇ، كۈرىشىمىزنى داۋاملاشتۇرىمىز» دېدى.

ئۇ ئۆكتىچىلەر بىلەن 13-ئاۋغۇست (2021) مېكسىكانىڭ ساھىبخانلىقىدا ۋە نورۋېگىيەنىڭ ۋاستىلىق قىلىشى ئاستىدا باشلانغان مۇزاكىرەلەرنىڭ توختاپ قېلىشىغا، ئامېرىكانىڭ جاۋابكار ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئۇ ۋېنېزۇئېلانىڭ يېڭى يىلنى ياخشى باشلىغانلىقىنى، مائارىپ، سەھىيە، تۇرالغۇ ۋە ئىجتىمائىي مەمنۇنلۇق تولغان مۇساپىغا قاراپ ئىلگىرىلەۋاتقانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئۇ 19-ئىيۇن (2021) ئېلان قىلغان باياناتىدا، يېقىقى يىللاردا ئامېرىكا بىلەن ۋېنېزۇئېلا ئوتتۇرىسىدا بارغانسېرى ئېشىۋاتقان جىددىيچىلىكنى پەسەيتىشنى خالايدىغانلىقلىرىنى ئەسكەرتكەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر