ھىندىستان 15 ياشتىن 18 ياشقىچە بولغان ياشلارنى ئەملەشكە باشلىدى

ھىندىستاندا 18-15 ياش ئارىسىدىكى ياشلارنىڭ ۋاكسىنا ئەملىتىشكە باشلىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

1756075
ھىندىستان 15 ياشتىن 18 ياشقىچە بولغان ياشلارنى ئەملەشكە باشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھىندىستاندا ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) غا مۇناسىۋەتلىك ۋەقەلەرنىڭ ئېشىشى سەۋەبىدىن دۆلەت مىقياسىدا ئالدىنى ئېلش تەدبىرلىرى كۈچەيتىلدى. ئومىكرون ۋارىيانتىغا قارشى ۋاكسىنا ئەملەش سەپەرۋەرلىكى قوزغالدى.

سەھىيە مەسئۇللىرى بۇ دائىرىدە، ۋۇخەن ۋىرۇسىغا مۇناسىۋەتلىك ۋەقەلەر تېز كۆپىيىۋاتقان ئىشتاتلاردىكى دوختۇرخانا، مەكتەپ ۋە مەخسۇس ۋاكسىنا ئەملەش مەركەزلىرىدە، 18-15 ياش گۇرۇپپىسىدىكى ياشلارنىڭ ئەملىنىشكە باشلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

مەسئۇل دائىرىلەر يۇقۇملانغانلار سانىدا كۆپىيش بولغان بولسىمۇ، دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالىنىش نىسبىتىنىڭ ئاشمىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ھىندىستاندا ۋابا باشلانغاندىن تارتىپ ۋىرۇس سەۋەبىدىن 482 مىڭ كىشى جېنىدىن ئايرىلدى، جەمئىي 35 مىليون كىشى يۇقۇملاندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر