پۇتىن: مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ھاقارەت قىلىش سەنئەت ئەركىنلىكى ئەمەس

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ھاقارەت قىلىشنىڭ سەنئەت ئەركىنلىكى بولمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1752402
پۇتىن: مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ھاقارەت قىلىش سەنئەت ئەركىنلىكى ئەمەس

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋىلادىمىر پۇتىن پايتەخت موسكۋادا ئۆتكۈزۈلگەن يىللىق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا (تۈنۈگۈن) سەنئەت ئەركىنلىكى توغرىسىدىمۇ توختالدى؛ ئۇ سەنئەت ئەركىنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ: «بۇ ئەركىنلىك باشقا بىر كىشىنىڭ ئەركىنلىكىنى چەكلىگەندە، بىز ئوتتۇرىغا قويغان نىشانلار بىلەن ئۇنىڭ ئوتتۇرىسىدا بەزى زىددىيەتلەردە بولىدۇ» دېدى ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ھاقارەتلەش سەنئەت ئەركىنلىكىمۇ؟ مېنىڭچە بۇ ئەركىنلىك ئەمەس. بۇ دىن ئەركىنلىكى ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ مۇقەددەس ھېسسىياتىغا تاجاۋۇز قىلغانلىق» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر