فىرانسىيەدە پىچاق بىلەن گۆرۈگە ئېلىۋېلىنغان ئىككى ئايال قۇتقۇزۇۋېلىندى
فىرانسىيەنىڭ پايتەختى پارىژدا بىر دۇكاندا پىچاق بىلەن گۆرۈگە ئېلىۋېلىنغان ئىككى ئايال قۇتقۇزۇۋېلىندى. ھۇجۇم قىلغۇچى نەزارەتكە قىلىندى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىرانسىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى گېرالد دارمانىن تىۋىتتېر ھېسابىدا ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئاياللارنى گۆرۈگە ئېلىۋالغان ئەرنىڭ نەزارەتكە ئېلىنىپ، 2 تۇتقۇننىڭ قۇتۇلدۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈردى.
روھىي كېسەللىكى بىلەن داۋالىنىۋاتقان بىر كىشى تۈنۈگۈن چۈشتىن كېيىن پارىژنىڭ 12-رايونىدا بىر دۇكانغا كىرىپ، ئىككى ئايالنى پىچاق بىلەن گۆرۈگە ئېلىۋالغان ۋە فىرانسىيە ئەدلىيە مىنىستىرى ئېرىك-دۇپوند مورېتتى بىلەن كۆرۈشۈشنى تەلەپ قىلغان ئىدى.
ئۆزىنىڭ دوختۇرى تەرىپىدىن زەھەرلەنگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن ھۇجۇمچى فرانسىيەدە 1991-يىلى60 ياشلىق بىر ئايالنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەبچى دەپ قارىلىپ تۈرمىگە تاشلانغان ۋە كېيىن ئەينى چاغدىكى پىرېزىدېنت جاك شىراك تەرىپىدىن قويۇپ بېرىلگەن تېگى ماراكەشلىك ئۆمەر راداد ۋەقەسى ھەققىدە ئەدلىيە مىنىستىرى ئېرىك-دۇپوند مورېتتى بىلەن كۆرۈشمەكچى ئىكەنلىكىنى ئېيتقان ئىدى.