خىتاي ھەربىي ساھەدىكى سۈنئىي ئىدراك تېخنىكىسى توغرىسدا پىكىر دوكلاتى سۇندى

خىتاي ھەربىي ساھەدىكى سۈنئىي ئىدراك تېخنىكىسىنى خەلقئارا قانۇنلارغا بويسۇندۇرۇش چاقىرىقىدا بولدى.

1747855
خىتاي ھەربىي ساھەدىكى سۈنئىي ئىدراك تېخنىكىسى توغرىسدا پىكىر دوكلاتى سۇندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاينىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق قورال-ياراغ كونتروللۇقى باش ئەلچىسى لى سوڭ ھەربىي ساھەدىكى سۈنئىي ئىدراك سىستېمىسىنى كونتروللۇق ئاستىغا ئېلىشقا ئالاقىدار پىكىر دوكلاتىنى شىۋېيېتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن بىر قىسىم ئەنئەنىۋى قوراللار ئەھدىنامىسىنى كۆزدىن كەچۈرۈش يىغىنىغا سۇندى.

لى باياناتىدا، ئۇرۇشنىڭ يۆنىلىشىنى پۈتۈنلەي ئۆزگەرتىش ئىقتىدارىغا ئىگە سۈنئىي ئىدراكنىڭ ئىنسانىي پاجىئەلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرالايدىغانلىقىنى، شۇڭا ئۇنىڭ زومىگەرلىكنىڭ قورالى سۈپىتىدە ئىشلىتىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن قانۇنلارغا ئېھتىياج بارلىقىنى بىلدۈردى.

خىتاينىڭ سۈنئىي ئىدراك تېخنىكىسىنى ئىشلىتىپ مۇتلەق ھەربىي ئۈستۈنلۈكنى قولغا كەلتۈرۈش شۇنداقلا باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سېلىشقا قارشى تۇرىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، «دۆلەتلەر بولۇپمۇ چوڭ دۆلەتلەر سۈنئىي ئىدراك تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ قورال سىستېمىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا ئېھتىياتچان بولۇشى كېرەك» دېدى.

لى يەنە ھەربىي ساھەدىكى سۈنئىي ئىدراك تېخنىكىسىنىڭ تارقىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن خەلقئارا نازارەتكە ئېھتىياج بارلىقىنى تەكىتلىدى.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يىغىنغا سۇنغان پىكىر دوكلاتىدا، سۈنئىي ئىدراك سىستېمىسىنىڭ كونتروللۇقىنى كۈچەيتىشنىڭ دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئىشەنچنى ئاشۇرىدىغانلىقى، يەر شارىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك مۇقىملىقىغا تۆھپە قوشىدىغانلىقى، قوراللىنىش رىقابىتىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغانلىقى ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك ئەندىشىسىنى يوقىتىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر