ئامېرىكادا مەجبۇرىي ۋاكسىنا ئەملەش بەلگىلىمىسى ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدىغاندەك قىلىدۇ

پىرېزىدېنت جو بايدىننىڭ 100 دىن ئارتۇق خىزمەتچىسى بار كارخانىلاردىكى خادىملار ئۈچۈن يولغا قويغان مەجبۇرىي كوۋىد-19 ۋاكسىنىسى ئەملەش بەلگىلىمىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ئۈچۈن سۇنۇلغان قارار لايىھەسى ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى تەرىپىدىن تەستىقلاندى.

1744980
ئامېرىكادا مەجبۇرىي ۋاكسىنا ئەملەش بەلگىلىمىسى ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدىغاندەك قىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كېڭەش پالاتاسى ئومۇمىي يىغىنىدا ئۆتكۈزۈلگەن بېلەت تاشلاشتا، بايدىننىڭ خىزمەتچىلەرگە يولغا قويغان ۋاكسىنا ئەملەش مەجبۇرىيىتىنى بىكار قىلىش توغرىسىدىكى قارار لايىھەسى 48 رەت ئاۋازغا قارشى 52 قوللاش ئاۋازى بىلەن قوبۇل قىلىندى.

100 كىشىلىك كېڭەش پالاتاسىنىڭ يېرىمىنى تەشكىل قىلىدىغان جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى ئەزالىرىنىڭ ھەممىسى قانۇن لايىھىسىنى قوللاپ بېلەت تاشلىدى.

دېموكراتچىلارنىڭ كېڭەش پالاتا ئەزاسى جون تېستېر ۋە جو مانچىننىڭمۇ جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى بىلەن بىرگە قوللاپ بېلەت تاشلىغانلىقى ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتتى.

بۇ قانۇن لايىھەسى ئىككىنچى تەستىق ئۈچۈن ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئومۇمىي مەجلىسىگە يوللاندى.

بايدىن سىنتەبىردە 100 دىن ئارتۇق خىزمەتچىسى بار كارخانىلارغا ۋاكسىنانىڭ مەجبۇرى بولىدىغانلىقىنى جاكارلىغاندا، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسى نارازىلىق بىلدۈرگەن ئىدى. شۇنىڭ بىلەن بايدىن ھۆكۈمىتى ۋاكسىنا ئەملەشنىڭ 4-دېكابىر دەپ بەلگىلەنگەن ۋاقتىنى  4-يانۋارغا ئۆزگەرتكەن بولسىمۇ، نارازىلىقلار داۋاملاشقان ئىدى.

يەنە بىر تەرەپتىن، بايدېننىڭ مەجبۇرىي ۋاكسىنا ئەملەش قارارىغا قارىتا نۇرغۇن ئىشتاتلار ئەرز سۇنغان ۋە فېدېراتسىيە سوت مەھكىمىسى بۇ قارارنى توڭلاتقان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر