مىسىردا ناچار ھاۋا رايى كندىلىك تۇرمۇشقا ئېغىر تەسىر كۆرسەتتى

مىسىردا كۆرۈلۈۋاتقان ناچار ھاۋا رايى سەۋەبىدىن ئىككى پورتنىڭ ۋاقىتلىق خىزمەتتىن توختىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

1745079
مىسىردا ناچار ھاۋا رايى كندىلىك تۇرمۇشقا ئېغىر تەسىر كۆرسەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىسىردا چىققان شىددەتلىك قۇم بورىنى سەۋەبىدىن ئۈچ كىشىنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

مىسىرنىڭ «ئاھبار ئەليەۋم گېزىتى» نىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلىشىچە، مىسىرنىڭ گاربىييە شەھىرىدە چىققان شىددەتلىك بوران سەۋەبىدىن يولدا كېتىۋاتقان موتوسىكلىت تاكسىنىڭ ئۈستىگە بىر دەرەخنىڭ ئۆرۈلۈپ چۈشۈشى نەتىجىسىدە، 25 ياشلىق تاكسى شوپۇرى جېنىدىن ئايرىلغان.

ئىسمائىلىيە شەھىرىدىمۇ 62 ياشلىق بىر ئايال يولدا كېتىۋاتقاندا، ئۈستىگە بىر دەرەخنىڭ ئۆرۈلۈپ چۈشۈشى نەتىجىسىدە جېنىدىن ئايرىلغان.

دېكاخلىيە شەھىرىدە 60 ياشلىق بىر ئادەم ئۆينىڭ ئۆگزىسىدىن چۈشۈپ جېنىدىن ئايرىلغان.

مىسىر يەرلىك تاراتقۇلىرىدىكى خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، شىددەتلىك قۇم بورىنى سەۋەبىدىن شارم ئەششەيخ ۋە سۈۋەيىش پورتلىرىدا خىزمەتلەر ۋاقىتلىق توختىتىلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر