بايدىن: رۇسىيە جىددىيچىلىكنى ئۇلغايتسا ئىقتىسادىي ۋە باشقا تەدبىرلەر بىلەن جاۋاب قايتۇرۇلىدۇ

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى بايدىن بىلەن رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن سىنلىق كۆرۈشۈشىدە ئۇكرائىنا چېگراسىدىكى يىرىكچىلىكلەرنى مۇزاكىرە قىلدى.

1744506
بايدىن: رۇسىيە جىددىيچىلىكنى ئۇلغايتسا ئىقتىسادىي ۋە باشقا تەدبىرلەر بىلەن جاۋاب قايتۇرۇلىدۇ
putin-biden1.jpg
putin-biden.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاقساراي بايدىن بىلەن پۇتىننىڭ تۈنۈگۈن (2021-يىلى 7-دېكابىر) كى ئىككى سائەت داۋاملاشقان سىنلىق كۆرۈشۈشى توغرىسىدا يازما بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا، پىرېزىدېنت بايدىننىڭ ئامېرىكا ۋە ياۋروپادىكى شېرىكلىرىنىڭ، رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنا چېگراسىغا ئەسكەر يىغىشىدىن ھېس قىلغان چوڭ ئەندىشەلىرىنى تىلغا ئالغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا: «بايدىن رۇسىيە ئۇكرائىنادا ھەربىي جىددىيچىلىكنى ئۇلغايتقان ئەھۋالدا ئامېرىكا ۋە ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ كۈچلۈك ئىقتىسادىي ۋە باشقا تەدبىرلەر بىلەن جاۋاب قايتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى» دېيىلدى.

باياناتتا، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى بايدىننىڭ ئۇكرائىنانىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوللايدىغانلىقلىرىنى ئەسكەرتكەنلىكى، «جىددىيچىلىكنى پەسەيتىشنى ۋە دىپلوماتىيەگە قايتىش» نى چاقىرىق قىلغانلىقى قەيت قىلىندى.

رۇسىيە كرېمىل سارىيى ئېلان قىلغان يازما باياناتتا، كۆرۈشۈشنىڭ «ئوچۇق» ۋە «مەسىلىگە مەركەزلەشكەن» كۆرۈشۈش بولغانلىقى ئەسكەرتىلىپ، ئىككى رەھبەرنىڭ 16-ئىيۇن (2021) شىۋېيتسارىيە پايتەختى جەنۋەدە ئۆتكۈزۈلگەن يىغىن قارارلىرىنىڭ ئىجرا قىلىنىشىنى مۇزاكىرە قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا، 2015-يىلى ئىمزالانغان مىنسك كېلىشىمىنىڭ ئىجرا قىلنىشىدا «ئىلگىرىلەش بولمىغانلىقى» ئەسكەرتىلدى.

باياناتتا مۇنداق دېيىلدى:

«ناتو ئۇكرائىنا زېمىنلىرىنى چارلاشتا خەتەرلىك ھەرىكەتلەرنى قىلىپ، چېگرامىز ئەتراپىدا ھەربىي يوشۇرۇن كۈچنى تەرەققىي قىلدۇرۇۋاتىدۇ.»

باياناتتا، رۇسىيە بىلەن ئامېرىكا ھەمكارلىقىنىڭ «كىشىنى رازى قىلىدىغان دەرىجىدە ئەمەسلىكى» تەكىتلەندى.

بىلدۈرۈلىشىچە، پۇتىن كۆرۈشۈشتە ئىككى دۆلەت دىپلوماتلىرىغا قويۇلغان ئېمبارگولارنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى تەكلىپ قىلغان.

ئىككى رەھبەر ئامېرىكا-رۇسىيە ئىستراتېگىيەلىك مۇقىملىق دىيالوگى، ئىنتېرنېت تور بىخەتەرلىكى، ئىران مەسىلىلىرىنىمۇ مۇزاكىرە قىلغان بولۇپ، قول ئاستىدىكىلىرىگە بۇ مەسىلىلەرنى نازارەت قىلىش توغرىسىدا يوليۇرۇق بەرگەن. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر