پېرۇدا شەھەر باشلىقى ۋە رەپىقىسى سۇيىقەست بىلەن ئۆلتۈرۈلدى

جەنۇبىي ئامېرىكا دۆلىتى پېرۇدا شەھەر باشلىقى ۋە رەپىقىسى تۇزاققا چۈشۈرۈلگەندىن كېيىن قىلىنغان قوراللىق ھۇجۇم نەتىجىسىدە ھاياتىدىن ئايرىلدى.

1733432
پېرۇدا شەھەر باشلىقى ۋە رەپىقىسى سۇيىقەست بىلەن ئۆلتۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پېرۇدا ئاياكوچو شەھەر باشلىقى بىر سودا سارىيىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدىن كېيىن قايتىش يولىدا نامەلۇم كىشىلەر تەرىپىدىن تۇزاققا چۈشۈرۈلدى.

ئالاقىدار تارماقلار، شەھەر باشلىقى ۋە ئايالىنىڭ، نامەلۇم كىشىلەنىڭ تۇزاققا چۈشۈرۈپ، قورشاپ ھۇجۇم قىلىشى نەتىجىسىدە قازا قىلغانلىقىنى، 2 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ئىگىلىنىشىچە، پېرۇ پىرېزىدېنتى پېدرو كاستىللو، بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، ھۇجۇمنى ئەيىبلىگەن، شەھەر باشلىقىنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا تەزىيە بىلدۈرگەن، ۋەقەدىن كېيىن تەكشۈرۈش باشلانغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر