بىل گەيتىس تۈركىيەدە دېھقانچىلىق مەيدانى قۇرۇشنى پىلانلىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى

خېلىدىن بېرى ئەگە رايونىدا تۇرۇۋاتقان ئامېرىكالىق مىلياردېر بىل گەيتىس (Bill Gates) نىڭ تۈركىيەدە دېھقانچىلىق مەيدانى قۇرۇش ئۈچۈن يەر كۆرۈۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

1729244
بىل گەيتىس تۈركىيەدە دېھقانچىلىق مەيدانى قۇرۇشنى پىلانلىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نىيۇ يورك پوچتىسى گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە، بىل گەيتىسنىڭ بۇرۇنقى ئايالى بىلەن بىرلىكتە باشقۇرۇۋاتقان 50 مىليارد دوللارلىق مۈلكى بار <<بىل ۋە مېلىنا گېيتىس فوندى>> ئۈچۈن، تۈركىيەدە چوڭ دېھقانچىلىق مەيدانى قۇرۇشنى پىلان قىلىۋاتقانلىقى قەيت قىلىندى.

بىل گەيتىس تۈنۈگۈن (2021-يىلى 3-نويابىر) شوتلاندىيەنىڭ گلاسگوۋ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ب د ت كىلىمات يىغىنىدا، دېھقانلارنىڭ كىلىمات ئۆزگىرىشىگە بەرداشلىق بېرەلەيدىغان مەھسۇلاتلار ئىشلەپچىقىرىشىغا ياردەم قىلىش ئۈچۈن 315 مىليون دوللار ئاجرىتىدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بەرگەن ئىدى.

بىل گەيتسنىڭ تراكيادا (تۈركىيەنىڭ ھاتاي ۋىلايىتىنىڭ مەركىزىي ناھىيەسى) 22 مىڭ دۆنۈم (22000000 كىۋادرات مېتىر) يېرى بار.

مىكروسوفتنىڭ قۇرغۇچىسى بىل گەيتس ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىقىدىكى ھەيئەت، ئۆكتەبىر ئېيىدا ئەفەس قەدىمكى شەھىرىنى زىيارەت قىلغان ئىدى.

ئۇنىڭ خۇسۇسىي پاراخوتى دەسلەپتە كۇشاداسى پورتىدا، ئارقىدىن بودرۇم پورتىدا توختىغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر