مودېرنا ۋاكسىناسىنى 17-12 ياشلاردىكى بالىلارغا ئەملەش كېچىكتۈرۈلدى

ئامېرىكا يېمەك-ئىچمەك ۋە دورا ئىدارىسى مودېرنا ۋاكسىناسىنىڭ بىر مۇددەت كېچىكتۈرۈلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

1727955
مودېرنا ۋاكسىناسىنى 17-12 ياشلاردىكى بالىلارغا ئەملەش كېچىكتۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا يېمەك-ئىچمەك ۋە دورا ئىدارىسى مودېرنا شىركىتى قورامىغا يەتكەنلەر ئۈچۈن تەتقىق قىلىپ ياسىغان ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) ۋاكسىناسىنى ئەملەشنىڭ <<ئەكس تەسىر ئېھتىماللىقلىرىنى تېخىمۇ ياخشى تەتقىق قىلىش ئۈچۈن>> بىر مۇددەت كېچىكتۈرۈلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

مودېرنا مەسئۇللىرى ئېلان قىلغان باياناتتا، ئامېرىكا يېمەك-ئىچمەك ۋە دورا ئىدارىسى ۋۇخەن ۋىرۇسى ۋاكسىناسىنى 17-12 ياشلاردىكى بالىلارغا ئەملەش ياكى ئەملىمەسلىككە مۇناسىۋەتلىك قارارنى، ۋاكسىنا ئەملەتكەنلەردە كۆرۈلۈش ئېھتىمالى بولغان يۈرەك كېسىلى قوزغىلىش خەتىرىنى كۆزىتىش ئۈچۈن كېچىكتۈرگەنلىكى، تەتقىقاتنىڭ يانۋار (2022) غىچە داۋاملىشىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.

ئامېرىكا يېمەك-ئىچمەك ۋە دورا ئىدارىسى مودېرنا شىركىتىگە ئەۋەتكەن ئۇقتۇرۇشتا، ۋاكسىنا ئەملەتكەنلەردە ئىنتايىن ئاز كۆرۈلىدىغان يۈرەك كېسىلى قوزغىلىشقا مۇناسىۋەتلىك خەلقئارالىق مەلۇماتلارنى ئانالىز قىلىش ئۈچۈن كۆپ ۋاقىتقا ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكلىرى ئەسكەرتىلدى.

مەزكۇر قارار، ياپونىيە ۋە ئىسكاندىناۋىيە دۆلەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن دۆلەتلەر، مودېرنا ۋاكسىناسىنىڭ 30-18 ياشلاردىكى ئەرلەردە يۈرەك موسكۇلى ياللۇغى پەيدا بولۇش ئەندىشەلىرىنى تىلغا ئالغاندىن كېيىن چىقىرىلدى.

مودېرنا شىركىتى يەكشەنبە (2021-يىلى 31-ئۆكتەبىر) كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا يېمەك-ئىچمەك ۋە دورا ئىدارىسىدىن ئالتە ياشتىن 11 ياشلاردىكى بالىلار ئۈچۈن ئەملەش رۇخسىتى بېرىشنى تەلەپ قىلىشنى كېچىكتۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر