ئالبانىيە باش مىنىستىرى ئەدى راما: كوسوۋا بىلەن بىرلىشىشىمىز مۇمكىن

ئالبانىيە باش مىنىستىرى ئەدى راما ئەگەر ئالبانىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بولالمىسا، كوسوۋا بىلەن بىرلىشىش ئېھتىماللىقى يۇقىرى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

1727636
ئالبانىيە باش مىنىستىرى ئەدى راما: كوسوۋا بىلەن بىرلىشىشىمىز مۇمكىن

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئالبانىيە باش مىنىستىرى ئەدى راما گېرمانىيە تاراتقۇلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ غەربىي بالقان سىياسىتىگە ئالاقىدار سوئاللارغا جاۋاب بەردى.

كوسوۋو بىلەن بىرلىشىش مۇمكىنچىلىكىنى تىلغا ئالغان ئەدى راما، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بولالمىغان تەقدىردە بۇنىڭ ئېھتىماللىقى تېخىمۇ يۇقىرى بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

بالقان رايونىدا چېگرا ئۆزگىرىشى مەسىلىسى، سىلوۋېنىيە باش مىنىستىرى جانېز جانشا تەرىپىدىن تەييارلانغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈگەن مەخپىي لايىھە بىلەن قايتىدىن كۈنتەرتىپكە كەلگەن ئىدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى تەرىپىدىن مەۋجۇتلۇقى رەت قىلىنغان مەزكۇر ھۆججەتتە، شىمالىي ماكېدونىيە ۋە كوسوۋانىڭ بىر قىسىمىنى ئالبانىيە بىلەن بىرلەشتۈرۇش پىلانى بارلىقى  ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر