ھىندىستان باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلدى
ھىندىستان 5000 كىلومېتىرلىق مۇساپىگە يېتىپ بېرىش يادرو ئىقتىدارىغا ئىگە قىتئەلەر ئارا ئۇچىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى سىناق قىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
1726107
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھىندىستان ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا بىلدۈرۈلۈشىچە، دۆلەتنىڭ شەرقىي دېڭىز قىرغىقىدىكى بىر ئارالدىن قويۇپ بېرىلگەن ۋە 5000 كىلومېتىرلىق مۇساپىگە يېتىپ بېرىش يادرو ئىقتىدارىغا ئىگە «Agni-5» ناملىق قىتئەلەر ئارا ئۇچىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغان.
باياناتتا تەكىتلىنىشىچە، باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقى، «ئىشەنچلىك ھەم خەۋپنىڭ ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەدە ئالدىنى ئېلىش سىياسىتى» گە ماس ھالدا ئىشقا ئاشۇرۇلغان.
ئىگىلىنىشىچە، «Agni-5» ناملىق باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ پۈتكۈل خىتايغا زەربە بېرەلەيدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە ئىكەن.