مىسىر جىددىي ھالەتنى ئەمەلدىن قالدۇردى

مىسىر پىرېزىدېنتى ئابدۇلفەتتاھ سىسى، مىسردا تۆت يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان ئىجرا قىلىنىپ كېلىۋاتقان جىددىي ھالەتنى بىكار قىلىشنى قارار قىلدى.

1725189
مىسىر جىددىي ھالەتنى ئەمەلدىن قالدۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئابدۇلفەتتاھ سىسى ئىجتىمائىي ئالاقە تورى فېيسبۇك بېتىدە جىددىي ھالەتنىڭ بىكار قىلىنىشىغا دائىر قارارىنى ئېلان قىلىپ: «مەن نەچچە يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم پۈتۈن مەملىكەتتىكى جىددىي ھالەتنى بىكار قىلىشنى قارار قىلدىم. بىز ئۇزۇندىن بۇيان بىرلىكتە كۈرەش قىلىپ كېلىۋاتقان بۇ دەقىقىلەرنى يەنە بىرلىكتە باشتىن كەچۈرگەنلىكىمدىن خۇشالمەن. مسىىر ساداقەتمەن خەلقى سايىسىدا رايوننىڭ بىخەتەرلىك ۋە مۇقىملىق بوستانلىقىغا ئايلاندى» دېدى.

مىسىردىكى جىددىي ھالەتنىڭ مۇددىتى ئاخىرقى قېتىم 12 – ئىيۇلدا 17 – قېتىم ئۈچ ئايلىق ئۇزارتىلغانىدى.

مىسىرنىڭ ئىسكەندەرىيە ۋە تانتا شەھەرلىرىدە 2017-يىلى 4-ئايدا يۈز بېرىپ، جاۋابكارلىقىنى دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتى ئۈستىگە ئالغان بومبا ھۇجۇمىدا 45 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغان، 125 ئادەم يارىلانغانىدى.

ھۇجۇمدىن كېيىن  پىرېزىدېنت سىسى ئۈچ ئايلىق جىددىي ھالەت ئېلان قىلىنغانلىقىنى جاكارلىغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر