ب د ت: بىرمادا دېموكراتىيەگە قايتىش ئىشىكى يېپىلىپ قېلىش ئالدىدا تۇرۇۋاتىدۇ

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) نىڭ بىرما ئالاھىدە ۋەكىلى كىرىستىنا شرانېر بۇرگېنېر، ھۆكۈمەتنى سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاش ئارقىلىق قولغا چۈشۈرگەن ئارمىيەنىڭ يارىشىش ۋە دىيالوگ تەرەپدارى ئەمەسلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

1723371
ب د ت: بىرمادا دېموكراتىيەگە قايتىش ئىشىكى يېپىلىپ قېلىش ئالدىدا تۇرۇۋاتىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بۇرگېنېر ب د ت باش ئىشتابىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، بىرمانىڭ ئىچكى ئۇرۇشقا قاراپ ئىلگىرىلەۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

ب د ت ۋە ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ بىرمادىكى ھەربىي ھاكىمىيەتنى ئېتىراپ قىلماسلىقىنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىگەن بۇرگېنېر، ھۆكۈمەتنى سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاش ئارقىلىق قولغا چۈشۈرگەن ئارمىيەنىڭ يارىشىش ۋە دىيالوگ تەرەپدارى ئەمەسلىكىنى تەكىتلىدى.

ئۇ، بىرمادا دېموكراتىيە ۋە دېموكراتىك ئىسلاھاتقا قايتىش ئىشىكىنىڭ يېپىلىپ قېلىشقا يېقىنلاپ قالغانلىقىنى، بۇ دۆلەتتىكى ئىنسانپەرۋەرلىك ۋەزىيىتىنىڭ ئىنتايىن ناچارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ب د ت تەرىپىدىن ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى قىلىنىۋاتقانلار سانىنىڭ بىر مىليوندىن ئۈچ مىليونغا كۆپەيگەنلىكىنى ئەسكەرتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر