كانادادا بىر مۇسۇلمان سودىگەرنى «تېررورچى» دېگەن سىياسەتچى تۈرمىگە تاشلاندى

كانادادا  بىر مۇسۇلمان سودىگەرنى «تېررورچى» دېگەن سىياسەتچى 18 ئايلىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى.

1714758
كانادادا بىر مۇسۇلمان سودىگەرنى «تېررورچى» دېگەن سىياسەتچى تۈرمىگە تاشلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كانادادا «ھالال» رېستورانلار گۇرۇھىنىڭ خوجايىنى مۇھەممەد فاقىھنى ئۆزىنىڭ تور بېكىتى ۋە ئىجتىمائىي ئالاقە ھېسابلىرىدا ھۇجۇم نىشانى قىلغان سىياسەتچى كېۋىن جونستون 18 ئايلىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى.

كالگارى شەھەر باشلىقى نامزاتى جونستون مۇھەممەد فاقىھقا قارشى 2017-يىلى باشلىغان نەپرەتلىك سۆزلىرى سەۋەبىدىن 2019-يىلىدا 2 مىليون 500 مىڭ دوللار جەرىمانە جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئىدى.

جەرىمانە جازاسى رەسمىي ھۆكۈم قىلىنغان سوتتا، جونستوننىڭ «بۇنىڭدىن كېيىن قايتا مۇھەممەد فاقىھ ۋە ئىسلام دىنى توغرىسىدا نەپرەت سۆزلىرى ئىشلەتمەيدىغانلىقىمۇ» قارار قىلىنغان ئىدى.

شۇنداقتىمۇ كانادالىق سىياسىئون نەپرەت سۆزلىرىنى داۋاملاشتۇرغاندىن كېيىن، ئونتارىيو ئالىي سوت مەھكىمىسى سودىيەسى فرېد مايېرس كېۋىن جونستون ھەققىدە قايتا قارار چىقاردى.

سوتچى فرېد مايېرس فاقىھ ھەققىدە «تېررورچى» ۋە «بوۋاق قاتىلى» دېگەن سۆزلەرنى ئىشلەتكەنلىكىگە دائىر ئىلگىرىكى سوتنىڭ قارارىغا خىلاپلىق قىلغانلىقى سەۋەبىدىن جونستوننى 18 ئايلىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى.

سوتنىڭ قارارىدا يەنە، جونستوننىڭ قانۇن بويىچە  2022-يىلى 1-ئاينىڭ 4-كۈنى ئونتارىيوغا قايتىپ كېلىشىگە رۇخسەت قىلىنغانلىقى ۋە شۇ كۈندىن باشلاپ جازا مۇددىتىنى توشقۇزۇش ئۈچۈن تۈرمىدە يېتىشى كېرەكلىكى ھۆكۈم قىلىندى.

سوتچى فرېد مايېرس قارارىنى ئېلان قىلغاندا جونستوننىڭ سىياسىي كۆز قارىشى سەۋەبىدىن ئەمەس، بەلكى 6 تۈرلۈك ھاقارەت جىنايىتى سەۋەبىدىن جازالانغانلىقىنى ئېيتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر