ب د ت ئەردوغان بىلەن پۇتىنغا چاقىرىقتا بولدى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى سۈرىيە ئالاھىدە ۋەكىلى گېير پېدېرسېن بۈگۈن بىر يەرگە جەم بولىدىغان جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىننى سۈرىيەنىڭ ئىدلىب رايونىنىڭ تىنچلىقىغا كاپالەتلىك قىلىشقا  چاقىردى.

1711956
ب د ت ئەردوغان بىلەن پۇتىنغا چاقىرىقتا بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پېدېرسېن، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە سۇنغان دوكلاتىدا، ئىدلىبتا بولۇپمۇ تۈركىيە – سۈرىيە چېگراسىدا ئۆي – ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ قالغانلار تۇرۇۋاتقان لاگېرلارغا قارىتا ھۇجۇملارنىڭ كۆپىيىپ كەتكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: «ئىدلىبنىڭ ۋەزىيىتىنىڭ پۇتىن بىلەن ئەردوغاننىڭ ئۇچرىشىشىدا موھىم سۆھبت تېمىسى بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن، تەسىرى كۈچلۈك بۇ رەھبەرلەرنى  ئىدلىب رايونىنىڭ تىنچلىقىغا كاپالەتلىك قىلىشقا  چاقىرىمەن.»

ئاساسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ قايتا بىر  يەرگە جەم بولۇشى ئۈچۈن تەرەپلەرگە تەكلىپنامە ئەۋەتىلگەنلىكىنى قەيت قىلغان پېدېرسېن، كومىتېتنىڭ 6 – نۆۋەتلىك يىغىن ئۈچۈن 18 – ئۆكتەبىر كۈنى شىۋېيتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھىرىدە توپلىنىدىغانلىقىنى، يىغىندىن بىر كۈن بۇرۇن بولسا تەڭ ھوقۇقلۇق رەئىسلەر بىلەن بىر يەرگە جەم بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر