گۇتېرېش تاتار ۋە ئاناستاسىئادىس بىلەن كۆرۈشىدۇ

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى ئانتونيو گۇتېرېش 27 – سېنتەبىر كۈنى شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى ئەرسىن تاتار ۋە جەنۇبىي قىبرىس رۇم ھاكىمىيىتى رەھبىرى نىكوس ئاناستاسىئادىس بىلەن كۆرۈشىدۇ.

1710406
گۇتېرېش تاتار ۋە ئاناستاسىئادىس بىلەن كۆرۈشىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 76 – نۆۋەتلىك ئومۇمىي كېڭىشى يىغىنلىرى ئۈچۈن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ نىيۇ يورك شەھىرىدە زىيارەتتە بولۇۋاتقان شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى ئەرسىن تاتار، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش مەركىزىدە ب د ت باش كاتىپى گۇتېرېش بىلەن بىر يەرگە جەم بولىدۇ.

ئىككى دۆلەتلىك تۈزۈمنى تونۇشتۇرۇش ئۈچۈن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا زىيارەتتە بولۇۋاتقان شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى ئەرسىن تاتار، ئۈچ تەرەپلىك ئۇچرىشىش ھارپىسىدا، بۈگۈن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى ئانتونيو گۇتېرېش بىلەن بىر يەرگە جەم بولىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر