پاكىستاندا خىمىيە سانائىتى زاۋۇتىدا يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدە نۇرغۇن ئادەم ئۆلدى
پاكىستاننىڭ كاراچى شەھىرىدە بىر خىمىيە سانائىتى زاۋۇتىدا يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدە 11 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى.
1698583
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىگىلىنىشىچە، كاراچى شەھىرىنىڭ كورانگى ناھىيەسىدىكى بىر خىمىيە سانائىتى زاۋۇتىدا يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدە دەسلەپكى مەلۇماتلارغا قارىغاندا 11 ئىشچى ھاياتىدىن ئايرىلغان.
كۆپ ساندا ئىشچى قاپسىلىپ قالغان زاۋۇتتا ئوت ئۆچۈرۈش پائالىيەتلىرى داۋاملاشماقتا ئىكەن.