ھايتىدىكى يەر تەۋرەشتە قازا قىلغانلارنىڭ سانى 1277 كىشىگە يەتتى

ھايتى دېڭىز قىرغىقىدا شەنبە كۈنى يۈز بەرگەن 7.2 بال يەر تەۋرەشتە ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 1277 كىشىگە يەتتى.

1691728
ھايتىدىكى يەر تەۋرەشتە قازا قىلغانلارنىڭ سانى 1277 كىشىگە يەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەسئۇللار دۆلەتتە زور ۋەيرانچىلىق يۈز بەرگەنلىكىنى، خارابىلىك ئاستىدىن ئىزدەپ قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ھايتى خەلق مۇداپىئە ئىدارىسى يەر تەۋرەشتە ھاياتىدىن ئايرىلغانلار سانىنىڭ 1277 كىشىگە يەتكەنلىكىنى ۋە يارىلانغانلار سانىنىڭ 5700 دىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

چوڭ ۋەيرانچىلىق ۋە ئېغىر داۋالغۇشقا دۇچار بولغان ھايتى ھۆكۈمىتى خەلقئارادىن ياردەم تەلەپ قىلدى.

ھايتى باش مىنىستىرى ئارىئېل ھېنرى ئېلان قىلغان باياناتىدا، يەر تەۋرەشنىڭ ئېغىر زىيان كەلتۈرگەنلىكىنى ئېيتتى.

ئارىئېل ھېنرى ھايتىدا بىر ئايلىق جىددىي ھالەت ئېلان قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر