بۇركىنا فاسودا يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇم نۇرغۇن كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولدى

بۇركىنا فاسودا بىر يېزىغا قىلىنغان قوراللىق ھۇجۇمدا 11 پۇقرانى ئۆز ئىچىگە ئالغان 30 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى.

1686858
بۇركىنا فاسودا يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇم نۇرغۇن كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بۇركىنا فاسو دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، كىملىكى نامەلۇم قوراللىقلار، بۇركىنا فاسو – نىگېرىيە چېگراسىدىكى ماركويې يېزىسىغا ھۇجۇم قىلغان.

ھۇجۇمدىن كېيىن، دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرى بىلەن قوراللىقلار ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بەرگەن، توقۇنۇشتا 11 پۇقرا، 15 ئەسكەر ۋە 4 ھۆكۈمەتنى قوللىغۇچى خەلق ئەسكىرى  بولۇپ، جەمئىي 30 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر