ناسا تۈركىيەدىكى دالا ئوت ئاپەتلىرىنىڭ سۈنئىي ھەمراھتىن تارتىلغان سۈرەتلىرىنى تارقاتتى

ئامېرىكا ئاۋىئاتسىيە ۋە ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى-ناسا، تۈركىيەدىكى دالا ئوت ئاپەتلىرىنىڭ سۈنئىي ھەمراھ ئارقىلىق تارتىلغان فوتو – سۈرەتلىرىنى تارقاتتى.

1686011
ناسا تۈركىيەدىكى دالا ئوت ئاپەتلىرىنىڭ سۈنئىي ھەمراھتىن تارتىلغان سۈرەتلىرىنى تارقاتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرەتلەر تۈركىيە پۈتۈن كۈچى بىلەن ئېلىشىۋاتقان دالا ئوت ئاپەتلىرىنىڭ قانچىلىك چوڭ ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەردى.

7-ئاينىڭ 31-كۈنى دۇنيادىكى ئۆزگىرىشلەرنى سۈرەتكە ئېلىش قاتارىدا لاندسات 8 سۈنئىي ھەمراھى ئارقىلىق ئېلىنغان ئانتاليادىكى دالا ئوت ئاپىتىنىڭ سۈرەتلىرىنى ئورتاقلاشقان ناسا، تۈركىيەدە بىر ھەپتىدە 130 قېتىم دالا ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەنلىكىنى ۋە بۇنىڭ يېقىنقى يىللاردىكى ئەڭ چوڭ ئوت ئاپىتى ئىكەنلىكىنى يازدى.

3 – ئاۋغۇستتا تۈركىيەنىڭ 9 يېرىدىكى ئوت ئاپىتىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى، قالغانلىرىنىڭ تىزگىنلەنگەنلىكى ئۇقتۇرۇلدى.

ياۋروپا ۋە ئوتتۇرا شەرقنىڭ قاتتىق ئىسسىقنىڭ پەنچىسى ئاستىدا ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ناسا، گىرېتسىيەدىمۇ چوڭ ئوت ئاپەتلىرىنىڭ يۈز بېرىشكە باشلانغانلىقىنى تەكىتلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر