ياپونىيە بىلەن رۇسىيە كۇرىل تاقىم ئاراللىرى توغرىسىدىكى سۆھبەتنى داۋاملاشتۇرۇشنى قارار قىلدى

ياپونىيە بىلەن رۇسىيەنىڭ كۇرىل تاقىم ئاراللىرى مەسىلىسى بىلەن ئاراللاردىكى ئىقتىسادىي پائالىيەتلەر توغرىسىدا ئىككى تەرەپلىك سۆھبەتنى داۋاملاشتۇرۇشنى قارار قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

1684593
ياپونىيە بىلەن رۇسىيە كۇرىل تاقىم ئاراللىرى توغرىسىدىكى سۆھبەتنى داۋاملاشتۇرۇشنى قارار قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياپونىيەنىڭ NHK تورى، ياپونىيە مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى شىگېئو يامادا بىلەن رۇسىيە مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئىگور مورگۇلوفنىڭ تېلېفوندا كۆرۈشۈپ، دۆلەتنىڭ شىمالىدىكى كۇرىل تاقىم ئاراللىرى بىلەن ئاراللاردىكى ئىقتىسادىي پائالىيەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىككى تەرەپلىك تىنچلىق شەرتنامىسىگە مۇناسىۋەتلىك سۆھبەتنى داۋاملاشتۇرۇش توغرىسىدا كېلىشكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، ئۆزئارا قوبۇل قىلغىلى بولىدىغان ھەل قىلىش چارىسىنى تېپىش توغرىسىدا بىردەكلىك ھاسىل قىلغان ئىككى رەھبەر، بۇ ئاراللاردا بىرلەشمە ئىقتىسادىي پائالىيەت ئېلىپ بېرىش پىكرىگە قىزغىن مۇئامىلە قىلغان.

مەزكۇر ئىككى مۇئاۋىن مىنىستىر يەنە، رۇسىيە باش مىنىستىرى مىخايىل مىشۇستىننىڭ ئاراللارغا قاراتقان ئۆتكەن ھەپتىدىكى زىيارىتىگە قارىتا ئۆز دۆلەتلىرىنىڭ كۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتكەن.

ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، سوۋېت ئىتتىپاقى، 1945- يىلى ياپونىيەنىڭ تىنچ ئوكياننى ئوخوتسك دېڭىزىدىن ئايرىپ تۇرىدىغان تەخمىنەن 1300 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى كۇرىل تاقىم ئاراللىرىنى ئۆزىگە قوشۇۋالغانىدى.

رۇسىيەنىڭ ئاراللارنى ئۆزىگە قوشۇۋېلىشىدىن كېيىن، ياپونىيە تەرىپىدىن «شىمالىي رايونلار» دەپ ئاتىلىدىغان بۇ رايون توغرىسىدا چۈشىنىش ھاسىل قىلىنالمىغانلىقتىن، رۇسىيە بىلەن ياپونىيەنىڭ تىنچلىق شەرتنامىسى ئىمزالاش سۆھبەتلىرىدە ھېچقانداق ئىلگىرىلەش بولمىغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر