نىگېرىيەدە قوراللىق ئۇنسۇرلارنىڭ ھۇجۇملىرى جانغا زامىن بولدى
نىگېرىيەدە قوراللىق ئۇنسۇرلارنىڭ يېزا-قىشلاقلارغا قىلغان ھۇجۇملىرىدا 12 ئادەم قازا قىلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نىگېرىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، كىملىكى تېخى ئېنىقلاپ چىقىلالمىغان قوراللىقلار، كادۇنا ئۆلكىسىگە قاراشلىق كاۋرۇ رايونلىرىكى يېزا – قىشلاقلارغا ھۇجۇم قىلغان.
ھۇجۇملاردا بىر ساقچىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان 12 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان، كۆپ ساندا كىشى يارىلانغان.
نىگېرىيەدە يېقىنقى مەزگىللەردە قوراللىق كىشىلەرنىڭ موتسىكلىتلار بىلەن ھۇجۇملارنى ئېلىپ بېرىشى سەۋەبلىك، بەزى ئۆلكىلەردە موتسىكلىتقا مىنىش مەنئىي قىلىنغانىدى.
رايون، پات - پات چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان فۇلانىلەر بىلەن دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بەزى قەبىلىلەر ئوتتۇرىسىدىكى شىددەتلىك توقۇنۇشلارغا سەھنە بولماقتا.
ھايۋانلىرىنى ئوتلىتىش ئۈچۈن دۆلەتنىڭ جەنۇبىغا كۆچۈپ كەلگەن فۇلانىلەر، دېھقانلارنىڭ ھايۋانلىرىنى ئوغرىلاشقا ئۇرۇنغانلىقىنى ۋە ئۆزلىرىگە ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
نىگېرىيەدە بىر جامەدە پارتلاش يۈز بېرىپ 11 ئادەم قازا قىلدى
نىگېرىيەنىڭ كانو ئۆلكىسىدىكى بىر جامەدە يۈز بەرگەن پارتلاشتا 11 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى.