ياۋروپا ئىتتىپاقىدا نوپۇسنىڭ %70 ى ئەملەنگەن

ياۋروپا ئىتتىپاقىدا ئىيۇل ئېيى (2021) دا قورامىغا يەتكەن نوپۇسنىڭ %70 نى ئەڭ ئاز بىر ۋاكسىنا ئەملەش نىشانىغا يەتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

1680934
ياۋروپا ئىتتىپاقىدا نوپۇسنىڭ %70 ى ئەملەنگەن

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ باشلىقى ئۇرسۇلا فوندېرلېيېن بايانات ئېلان قىلىپ، 18 ياشتىن يۇقىرى نوپۇسنىڭ %57 نىڭ ئىككى قېتىملىق ۋاكسىنانى ئەملەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ ۋاكسىنا ئەملەشنىڭ داۋاملىشىشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتىپ: «دېلتا ۋارىيانتى ئىنتايىن خەتەرلىك. بۇ سەۋەبتىن، ئۆزىمىزنىڭ سالامەتلىكىنى ۋە باشقىلارنى قوغداش ئۈچۈن پۇرسىتى يار بەرگەن بارلىق كىشىلەرنى ۋاكسىنا ئەملىتىشكە چاقىرىمەن. ياۋروپا ئىتتىپاقى يېتەرلىك مىقداردا ۋاكسىنا تارقىتىشنى داۋاملاشتۇرىدۇ» دېدى.

ياۋروپا كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كونترول قىلىش مەركىزىنىڭ يېڭى مەلۇماتلىرىدا، ۋاكسىنا ئەملەش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى بولغان مالتادا، قورامىغا يەتكەنلەرنىڭ %84 ى ئەڭ ئاز بىر قېتىم ئەملەنگەن بولسا، بۇلغارىيەدە بۇ سان %18.5 بولغان. دانىيەدە %83.7، گوللاندىيەدە %82.7، بېلگىيە بىلەن فىنلاندىيەدە بولسا %78.9 بولغان.

ئەملىتىش نىسبىتى تۆۋەن بولغان دۆلەتلەرنىڭ ئىچىدە بۇلغارىستاندىن قالسا، رۇمېنىيەدە %31.1، لاتۋىيەدە %44، كىرودىيەدە %47، سىلوۋاكىيەدە %47.9 ۋە سىلوۋېنىيەدە %49.7 بولغان.

قورامىغا يەتكەنلەرنىڭ %70 نى ئەملەش نىشانىنى ئاپرېل ئېيىنىڭ ئاخىرىدا ئېلان قىلغان ياۋروپا ئىتتىپاقى، ئىيۇلنىڭ بېشىدا ئەزا دۆلەتلەرگە   يېتەرلىك مىقداردا ۋاكسىنا تارقاتقان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر