فىرانسىيەنىڭ بەزى جايلىرىدا ئاممىۋى سورۇنلاردا ھاراق سېتىش ۋە ئىستېمال قىلىش مەنئى قىلىندى

فىرانسىيەنىڭ باس-رىن ئۆلكىسىدە ئاممىۋى سورۇنلاردا ھاراق سېتىش ۋە ئىستېمال قىلىش مەنئى قىلىندى.

1680767
فىرانسىيەنىڭ بەزى جايلىرىدا ئاممىۋى سورۇنلاردا ھاراق سېتىش ۋە ئىستېمال قىلىش مەنئى قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىرانسىيەنىڭ شەرقىدىكى باس-رىن ئۆلكىسىدە كوۋىد-19 نىڭ تېز كۆپىيىشى سەۋەبىدىن 17- ئىيۇندا ئاممىۋى سورۇنلارنىڭ كۆپىنچىسىدە بىكار قىلىنغان ماسكا تاقاش مەجبۇرىيىتىمۇ قايتىدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى.

بازارلار، ئاممىۋى قاتناش ۋاستىلىرى، نامايىشلار ۋە كوچىلاردىكى ئاممىۋى سورۇنلاردا ھەمدە ئۆچىرەت تۇرىدىغان جايلاردا ماسكا تاقاش مەجبۇرىيىتى قايتا يولغا قويۇلدى.

باس-رىن ئۆلكىسىدە ھەر 100 مىڭ ئادەمدىن 147 سى يۇقۇملىنىۋاتقان بولۇپ، ئاممىۋى سورۇنلاردا ھاراق سېتىش ۋە ئىستېمال قىلىش مەنئى قىلىندى.

باس-رىن ۋالىيسى جوسېئان چېۋالىئېر ئەگەر يۇقۇم ئەھۋالى تېخىمۇ يامانلاشسا، قاۋاقخانا ۋە رېستورانلارنى شۇ يەرنىڭ ۋاقتى سائەت 23:00 تە تاقاش مەجبۇرىيىتى يولغا قويۇلىشى مۇمكىنلىكىنى ئېلان قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر