بىرما ئارمىيەسى 2020-يىلى ئۆتكۈزۈلگەن سايلامنىڭ ئىناۋەتسىز ئىكەنلىكىگە ھۆكۈم قىلدى

بىرمادا ھەربىي ئۆزگىرىش قوزغاپ ھاكىمىيەتنى ئۆتكۈزۈۋالغان ئارمىيە، 2020-يىلى 8-نويابىر ئۆتكۈزۈلگەن سايلامنىڭ نەتىجىسىنىڭ ئىناۋەتسىز ئىكەنلىكىگە ھۆكۈم قىلدى.

1680765
بىرما ئارمىيەسى 2020-يىلى ئۆتكۈزۈلگەن سايلامنىڭ ئىناۋەتسىز ئىكەنلىكىگە ھۆكۈم قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرمادا ھەربىي ھۆكۈمەت 1-فېۋرالدىن كېيىن قۇرغان بىرلەشمە سايلام كومىتېتىنىڭ باشلىقى سېيىن سو 2020-يىلى ئۆتكۈزۈلگەن سايلامدا ئاڭ سان سۇچىنىڭ پارتىيەسى «مەملىكەتلىك دېموكراتىيە بىرلەشمىسى» نىڭ ساختىپەزلىك قىلغانلىقى توغرىسىدىكى ئەيىبلەشلەرنى تەكشۈرۈشنى ئاخىرلاشتۇرغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

بىرلەشمە سايلام كومىتېتىنىڭ باشلىقى سېيىن سو 11 مىليوندىن ئارتۇق ئاۋازغا ساختىپەزلىك قىلىنغانلىقىنىڭ ئېنىقلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ سايلامدا ئادىل بولمىغان رىقابەت ۋە سايلامدىن كېيىنكى ئاۋاز ساناشلاردا ساختىپەزلىك قىلىنغانلىقىغا مۇناسىۋەتلىك ئەيىبلەشلەرنىڭ جەزملەشكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ: «ئەركىن ۋە ئادىل بولمىغان مۇھىتتا ئۆتكۈزۈلگەن 2020-يىلدىكى سايلامنىڭ نەتىجىسى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى» دېدى.

ئەمما ئۇ، يېڭى سايلامنىڭ قاچان ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقى توغرىسىدا مەلۇمات بەرمىدى.

بىرمادا 2020-يىلى 8-نويابىر ئۆتكۈزۈلگەن سايلامدا ئاڭ سان سۇچىنىڭ پارتىيەسى پارلامېنتتا 238 ئورۇنغا، كېڭەش پالاتاسىدا 138 ئورۇننى قولغا كەلتۈرۈپ ھۆكۈمەتنى تەشكىللىگەن ئىدى.

بىرما ئارمىيەسى 2020-يىلى 8-نويابىردىكى سايلامدا ساختىپەزلىك قىلىنغانلىقىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈلۈشى ۋە دۆلەت ئىچىدە جىددىيچىلىك يۈز بەرگەندىن كېيىن، 1-فېۋرال (2021) ھاكىمىيەتنى ئۆتكۈزۈۋالغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر