خىتايدا يېڭى بىر مېھمانخانا بىناسى ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ 17 كىشى ئۆلدى

خىتايدا بىر مېھمانخانا بىناسىنىڭ ئۆرۈلۈپ كېتىشى نەتىجىسىدە ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 17 گە چىقتى.

1675102
خىتايدا يېڭى بىر مېھمانخانا بىناسى ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ 17 كىشى ئۆلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاينىڭ جياڭسۇ ئۆلكىسىگە قاراشلىق سۇجۇ شەھىرىدە 12-ئىيۇل كەچتە ئۆرۈلۈپ چۈشكەن مېھمانخانىدىكى ئىزدەپ- قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرى ئاخىرلاشتى.

سۇجۇ شەھەرلىك ھۆكۈمەت ئەمەلدارى بىنا خارابىلىكى ئاستىدىن 23 كىشىنىڭ قۇتقۇزۇلغانلىقىنى ۋە 17 كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

قۇتقۇزۇۋېلىنغانلاردىن 5 كىشىنىڭ بالنېستقا ئېلىنغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

ئالاقىدار مەسئۇللار، مېھمانخانىنىڭ ئۆرۈلۈپ چۈشۈش سەۋەبى ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

54 ياتاقلىق مەزكۇر مېھمانخانانىڭ 2018-يىلى ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن يېڭى بىنا ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر